ب د ت دا ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قىلىنىۋاتقان زۇلۇم كۈنتەرتىپكە كەلدى

خىتاينىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن دائىمىي ۋەكىلى دەي بىڭ نۇتۇق سۆزلەش تىزىملىكىدە ئىسمى يوق تۇرۇقلۇق زورلاپ سۆز قىلىپ، خىتايغا قارىتىلغان ئەيىبلەشنى پۈتۈنلەي رەت قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئامېرىكانى ئېغىر تەنقىد قىلدى.

1605316
ب د ت دا ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قىلىنىۋاتقان زۇلۇم كۈنتەرتىپكە كەلدى
Linda Thomas-Greenfield.jpg
cin uygur soykirimi 1.jpg
cin uygur soykirimi.jpg
avusturya uygur turkleri protesto1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش توغرىسىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان پىروگراممىدا، ئامېرىكا بىلەن خىتاي بىر-بىرىنى «كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى» بىلەن ئەيىبلىدى.

ئامېرىكانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى لىندا توماس گىرىنفىلىد ب د ت مەركىزى بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارا ئىرقىي كەمسىتىشنى يوقىتىش كۈنى» پىروگراممىسىدا سۆز قىلىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھازىرمۇ قۇللۇق ۋە ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

لىندا توماس گىرىنفىلىد بىرمادىكى ئاراكان مۇسۇلمانلىرى ۋە خىتايدىكى ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قىلىنغان زۇلۇملارنى مىسال كەلتۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەت ۋە دىنىي ئېتىقادتىكىلەرگە قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق شۇنداقلا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغانلىقى» نى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن دائىمىي ۋەكىلى دەي بىڭ نۇتۇق سۆزلەش تىزىملىكىدە ئىسمى يوقلۇقىغا قارىماستىن، زورلاپ سۆز قىلىپ،  ئامېرىكا ۋەكىلىنىڭ  ئەيىبلىشىنى « باشتىن-ئاخىر يالىڭاچ يالغان ۋە مىش-مىش پاراڭ» دېدى.

بىڭ ئامېرىكانى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋېلىش بىلەن ئەيىبلەپ، ئامېرىكانىڭ باشقا دۆلەتلەرگە نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى سۆزلەپ يۈرۈشنىڭ ئورنىغا، «ئۆزىنىڭ شەرمەندىچىلىك بىلەن تولغان كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى» گە قارىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

بىڭ: «ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇقتىن سىياسىي مەقسەتتە پايدىلىشتىن توختىشى كېرەك. ئافرىقا ۋە ئاسىيالىقلارغا قارىتىلغان كەمسىتىش ۋە ئۆچمەنلىك ۋەقەلىرىنى، ھەتتا داۋاملىشىۋاتقان ۋەھشى جىنايەتلىرىنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن» دەپ ئەيىبلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر