ئۇغۇر شاھىن: بۇ ئاي تۈركىيەدە ۋاكسىنا ئەملەشكە باشلىشىمىز مۇمكىن

گېرمانىيە بىيوتېخنىكا شىركىتى Biontech نىڭ قۇرغۇچى شېرىكى پىروفېسسور دوكتور ئۇغۇر شاھىن مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرى تۈركىيەدە ۋاكسىنا ئەملەشكە باشلاش ئېھتىماللىقلىرىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

1605039
ئۇغۇر شاھىن: بۇ ئاي تۈركىيەدە ۋاكسىنا ئەملەشكە باشلىشىمىز مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شاھىن، ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، ۋاكسىنا ئەملەش پائالىيەتلىرىنىڭ كەڭ قانات يېيىشىغا ئەگىشىپ،  ياۋروپادا ياز مەۋسۇمىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە ئىممۇنىتېتقا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، «كوۋىد – 19» يۇقۇمىنىڭ يېڭى دولقۇقىنىڭ ئۇدا بىرقانچە ئاي ئىنسانىيەت بىلەن بىرلىكتە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئىمكانقەدەر يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىنتايىن مۇھىم، بۇنىڭغا پاراللېل ھالدا داۋاملىق ۋاكسىنا ئەملىشىمىز كېرەك.»

تۈركىيەگە ئەۋەتىلىدىغان 4 مىليون 500 مىڭ قۇتا ۋاكسىنا توغرىلىقمۇ توختالغان شاھىن، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بۇ ھەقتە تېخنىكىلىق ۋە سۈپەت كونترول خىزمەتلىرىنى ئىشلەشكە مەجبۇر ئىدۇق، بۇ خىزمەتلەر ئالدىنقى ھەپتە تاماملاندى، ئەگەر ھەممە ئىشلار ئوڭۇشلۇق يۈرۈشسە، مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرى تۈركىيەدە ۋاكسىنا ئەملەشنى باشلايمىز، تۈركىيەگە 2021 – يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا تېخىمۇ كۆپ ۋاكسىنا ئەۋەتىش مەسىلىسىدە  تىرىشىۋاتىمىز.»

نىشانلىرىنىڭ بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرىغىچە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ۋاكسىننا مىقدارىنى 2.4 مىليارد قۇتىغا يەتكۈزۈش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن شانىن، مۇنداق دېدى: «نىيىتىمىز يېتەرلىك مىقداردا ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا ۋاكسىنا يېتىشتۈرۈشتۇر، بۇ سايىدا نورمال ھاياتقا قايتىشنى نىشان قىلىۋاتىمىز، پەقەت ياۋروپانى قوغداش ئارقىلىقلا بۇ يۇقۇمنى يېڭەلمەيمىز، شۇڭا پۈتكۈل دۇنيانى قوغداش كېرەك، بۇ ھەقىقەتنى ئالدى بىلەن سىياسەت ئۆگىنىدۇ، ئاندىن شۇنىڭغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر