ئىراندىكى «چارشەنبە سۇرى» تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىدە 900 كىشى يارىلاندى
ئىراندا «چارشەنبە سۇرى» تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىدە 8 كىشى قازا قىلىپ، 900 كىشى يارىلاندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران جىددى قۇتقۇزۇش ئىدارىسى باشلىقى پىر ھۈسەيىن كۇلىۋەند نەۋرۇز بايرىمىدىن ئىلگىرى تەبرىكلىنىدىغان «چارشەنبە سۇرى» ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىدە ھازىرغا قەدەر 8 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە 900 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن پىر ھۈسەيىن كۇلىۋەند 72 كىشىنىڭ پۇت-قوللىرىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 234 كىشىنىڭ كۆيۈپ يارىلانغانلىقىنى ۋە 300 كىشىنىڭ كۆزى يارىلانغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىراندا ئۆتكەن يىلىمۇ «چارشەنبە سۇرى» تەبرىكلەش پائالىيىتىدە 3 كىشى قازا قىلىپ، 1403 كىشى يارىلانغان ئىدى.
ئىراندا نەۋرۇز بايرىمىدىن ئىلگىرى يىلنىڭ ئاخىرىقى چارشەنبە كۈنى كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن «چارشەنبە سۇرى» تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىدە بولۇپمۇ بالىلار ۋە ياشلار ئوتتىن سەكرەيدۇ، ئېتىلغاقلارنى ئېتىپ، مەشئەللەرنى ياقىدۇ.
بۇ تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ھەر يىلى ئىراندا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆلۈمىگە ياكى يارىلىنىشغا سەۋەب بولۇپ كەلمەكتە.
ئىراندا ئىشلىتىلىدىغان ھىجرى شەمسى كالېندارى بويىچە يېڭى يىل ( يەنى نەۋرۇز) 21-مارتتا باشلىنىدۇ.