كامېلا خارىس: ئاياللار ۋە دېموكراتىيەنى كۈچلەندۈرۈشكە تىرىشىمىز

ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى كامېلا خارىس، ئاياللارنىڭ سالاھىيىتىنىڭ دېموكراتىيەنىڭ كۆرسەتكۈچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

1603006
كامېلا خارىس: ئاياللار ۋە دېموكراتىيەنى كۈچلەندۈرۈشكە تىرىشىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى كامېلا خارىس، ئاياللارنىڭ سالاھىيىتىنىڭ دېموكراتىيەنىڭ كۆرسەتكۈچى ئىكەنلىكىنى ۋە باراۋەرلىك بولمىغان يەردە دېموكراتىيەنىڭ بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ھەر ئىككىسىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى كامېلا خارىس، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ ئەر – ئاياللار باراۋەرلىكى ۋە ئاياللارنىڭ كۈچەيتىلىشى تېمىسىدىكى ھەر يىلى چاقىرىلىدىغان «ئاياللارنىڭ سالاھىيىتى كومىتېتى»نىڭ 65 – نۆۋەتلىك يىغىنىغا سىن كۆرۈنۈشلۈك ئۇچۇر يوللاپ، دېموكراتىيەنىڭ كۈنسېرى زورىيىۋاتقان بىر بېسىمنىڭ ئاستىدا قېلىۋاتقانلىقى ۋە يېقىنقى 15 يىلنىڭ مابەينىدە دۇنيا مىقياسىدا ئەركىنلىكلەرنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە دەخلىگە ئۇچرىشىنىڭ كىشىنى بىئارام قىلىدىغان نۇقتىغا يەتكەنلىكىنى ئەسكەتتى.

قارار چىقىرىش مېخانىزملىرىدا ئاياللارنىڭ ئورۇن ئالماسلىقىنىڭ كەمتۈك دېموكراتىيەنىڭ كۆرسەتكۈچى ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان كامېلا خارىس، ئاياللارنىڭ كۈچەيتىلىشىنىڭ دېموكراتىيەنىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

«باراۋەرلىك بولمىسا دېموكراتىيە بولمايدۇ. ئاياللارنىڭ سالاھىيىتى دېموكراتىيەنىڭ سالاھىيىتىدۇر ۋەئامېرىكا ھەر ئىككىسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ» دېگەن كامېلا خارىس، ئاياللار ۋە دېموكراتىيەنى كۈچەيتىش ئۈچۈن دۇنيا مىقياسىدا ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر