بايدىن: پۇتىن بەدەل تۆلەيدۇ، يېقىندا كۆرسىلەر

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن: «رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئامېرىكا سايلاملىرىغا قول تىققانلىقى ئۈچۈن بەدەل تۆلەيدۇ» دېدى.

1603209
بايدىن: پۇتىن بەدەل تۆلەيدۇ، يېقىندا كۆرسىلەر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن «ئا ب س نىيۇس» (ABC News) قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، پۇتىننىڭ 2020-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا سابىق پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ غەلىبە قىلىشى ئۈچۈن سايلامغا قول تىققانلىقى سەۋەبىدىن «بەدەل تۆلەيدىغانلىقى» نى ئېيتتى.

جو بايدىن «قانداق بەدەل تۆلەيدىغانلىقى» ھەققىدىكى سوئالغا: «پات يېقىندا كۆرىسلەر» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ يەنە، رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىنغا «قاتىل» دەپ باھا بەردى.

ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىستىخبارات ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان 15 بەتلىك دوكلاتتا، رۇسىيەنىڭ سايلام مەزگىلىدە، دېموكرات نامزات جو بايدىنغا قارشى «خاتا ئۇچۇرلار» نى تارقاتقانلىقى قەيت قىلىنغان ئىدى.

دوكلاتتا، بايدىن ئائىلىسى بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى پۇل-مۇئامىلە ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەردە، موسكۋانىڭ قولى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ ئارقىلىق بايدىننىڭ نامزاتلىقىنىڭ ئاجىزلىتىشنىڭ مەقسەت قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر