ئامېرىكا ۋېنېزۇئېلالىقلارنىڭ ۋاقىتلىق قوغدىنىش سالاھىيتىدىن بەھرىمەن بولالايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەۋەلىكىدىكى تەخمىنەن 320 مىڭ ۋېنېزۇئېلالىق كۆچمەنگە «ۋاقىتلىق قوغدىنىش سالاھىيىتى» بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1597542
ئامېرىكا ۋېنېزۇئېلالىقلارنىڭ ۋاقىتلىق قوغدىنىش سالاھىيتىدىن بەھرىمەن بولالايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «مىنىستىر ئالېساندرو مايوركاس ۋېنېزۇئېلانى — 2022 - يىلى 9 - ئايغىچە —  18 ئايلىق ۋاقىتلىق قوغدىنىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن دۆلەتلەر تىزىملىكىگە قوشتى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئۆلچەملىرىگە چۈشىدىغان، نۆۋەتتە ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ۋېنېزۇئېلالىقلارنىڭ بۇ سالاھىيەتكە ئېرىشىش ئىلتىماسى سۇنسا بولىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا: «بۇ قارار ۋېنېزۇئېلادىكى كىشىلەرنىڭ قايتىپ كېلىشىگە توسالغۇ بولىدىغان پەۋقۇلئاددە ۋە ۋاقىتلىق ۋەزىيەتنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا: «ۋېنېزۇئېلادىكى كەڭ كۆلەملىك ئاچارچىلىق ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىنسانىي كىرىزىس، قانۇنسىز قوراللىق تەشكىلاتلارنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەسىرى بىلەن بېسىم ۋە ۋەيران بولغان ئۇل ئەسلىھە قاتارلىقلار» غا ئىشارەت قىلىپ ئۆتۈلدى.

ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكادا تەخمىنەن 320 مىڭ ۋېنېزۇئېلالىق كۆچمەن بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر