شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى سىتوكھولمدا تۈرك ئوفىتسېرنىڭ جەسىتى تېپىلدى

شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى سىتوكھولمدا 2020- يىلى 18 – نويابىر كۈنى يوقاپ كەتكەن 31 ياشلىق تۈرك ئوفىتسېر دەنىز ئاردانىڭ جەسىتى تېپىلدى.

1597565
شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى سىتوكھولمدا تۈرك ئوفىتسېرنىڭ جەسىتى تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سىتوكھولم جامائەت خەۋپسىزلىكى باش ئىدارىسى باياناتچىسى كارىنا سكاگېرلىند، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇنىڭدىن 10 كۈن ئىلگىرى ستوكھولمنىڭ جەنۇبىدىكى تىرېستا مىللىي باغچىسىدىن تېپىلغان جەسەتنىڭ، شىۋېتسىيە دېڭىز ئارمىيەسى دۋېڭىز ئالاھىدە ئەترىتى ئوفىتسېرى سۈپىتىدە ۋەزەپە ئۆتەۋاتقان دەنىز ئارداغا ئائىت ئىكەنلىكىنىڭ ئېنىقلاپ چىقىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «ئائىلىسىگە خەۋەر قىلىندى، دەسلەپكى تەكشۈرۈشلەردە جىنايەت ئۇنسۇرى بايقالمىدى.»

«‹ئافتونبلادېت› گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر ساياھەتچى، 27-فېۋرال شەنبە كۈنى تىرېستا مىللىي باغچىسىدا  ئايلىنىپ يۈرگەندە، تىك قىيالىقلار ئارىسىدا بىر جەسەتنى كۆرگەن ۋە ساقچىغا مەلۇم قىلغان.

ئاردا يوقاپ كېتىشتىن بۇرۇن دوستلىرىغا يوللىغا ئۇچۇرىدا، سىتوكھولمنىڭ ناككا رايونىدىكى تەك قىيالىقلار ئارىسىدا ئۇزۇنغا يۈگۈرەشكە چىقىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەنىدى.

شىۋېتسىيە قوراللىق قىسىملىرىدا تۈرلۈك ئالاھىدە ئەترەت مەشىقىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغان ۋە دەرىجىسى دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانلىق مەكتىپى قوماندانلىق ئىشتابى  ئوفىتسېرلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن دەنىز ئاردا، 2020-يىلى، 18-نويابىر كۈنى يوقاپ كەتكەن ئىدى.

ئاردا  ستوكھولمنىڭ لىلجېھولمېن رايونىدىكى بىر مىلىچماللار دۇكىنىدا مال سېتىۋالغاندا، ئۇنىڭ رەسىملىرى كۆچمە كامېرالار تەرىپىدىن تارتىلغان، كېيىن ئۇنىڭ ئىز – دېرىكى بولمىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر