پاپا فرانسىسكۇس ئايلان بوۋاقنىڭ دادىسى بىلەن كۆرۈشتى

كاتولىكلارنىڭ روھانىي رەھبىرى پاپا فرانسىسكۇس مۇغلانىڭ بودرۇم ناھىيەسىدە يەل قولۋاقنىڭ چۆكۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە جېنىدىن ئايرىلغان ۋە جەسىتى دېڭىز ساھىلىدا تېپىلغاندىن كېيىن كۈنتەرتىپكە كەلگەن سۈرىيەلىك ئايلان كۇردى بوۋاقنىڭ دادىسى بىلەن كۆرۈشتى.

1597089
پاپا فرانسىسكۇس ئايلان بوۋاقنىڭ دادىسى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋاتىكان پاپا فرانسىسكۇسنىڭ سۈرىيەلىك ئايلان كۇردى بوۋاقنىڭ دادىسى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، پاپانىڭ ئىراقنىڭ ئەربىل شەھىرىدىكى ئۇچرىشىشلىرى جەريانىدا، فرانسو ھارىرى تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدىن كېيىن، ئايلان بوۋاقنىڭ دادىسى ئابدۇللاھ كۇردى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، پاپانىڭ ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ قالغان ئابدۇللاھ كۇردىنىڭ ئېچىنىشلىق ھېكايىسىنى ئاڭلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئابدۇللاھ كۇردىنىڭ بولسا، ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە تەشەككۈر ئېيتىپ، پاپاغا ئايلان بوۋاقنىڭ بىر پارچە فوتوگرافىنى بەرگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

بودرۇمدا 2015-يىلى 2-سېنتەبىر دېڭىزدىن گىرېتسىيەگە بېرىش ئۈچۈن ئولتۇرغان يەل قولۋاقنىڭ سۇغا چۆكۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە، ئۈچ ياشلىق سۈرىيەلىك ئايلان كۇردى، ئاكىسى ۋە ئانىسى قاتارلىق بەش كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا، ئايلان بوۋاقنىڭ جانسىز بەدىنىنىڭ ساھىلدىكى فوتوگرافلىرى سۈرىيەدىكى ئۇرۇشنىڭ قورقۇنچلىق يۈزىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلاپ، خەلقئارالىق جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى مۇساپىرلار مەسىلىسىگە تارتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر