گوگۇل 8 - مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى ئۈچۈن ئالاھىدە «دودېل» تەييارلىدى

گوگۇل 8 - مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئالاھىدە «دودېل» تەييارلىدى

1597039
گوگۇل 8 - مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى ئۈچۈن ئالاھىدە «دودېل» تەييارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىلىرى گوگۇلنىڭ باش بېتىدە بۈگۈن ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان، چېكىلگەن ھامان تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى ئاياللار قوللىرى بىلەن بايان قىلىنغان كارتون تەرىپىدىن قارشى ئېلىنىدۇ.

«خەلقئارا ئاياللار بايرىمىنى تەبرىكلەيمىز» دېگەن ئۇلانمىنى چەككەندە بولسا، «ھەر بىرى يېڭىلىق كېيىنكىلەرگە ئىشىكنى ئاچىدۇ» دېگەن جۈملىلەر ئارقىلىق دۇنيادا يېڭىلىق يارىتىشقا مۇۋەپپەق بولغان ئاياللار توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارغا ئېكرانغا كېلىدۇ.

دودېل قوللىنىشچان پىروگراممىلىرى دۇنيا دۆلەتلىرى ئۈچۈن مۇھىم كۈنلەر ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرى، مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ۋە تارىختىكى مۇھىم كىشىلەرگە ئورۇن بېرىش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

ئالاھىدە لايىھەلەنگەن لوگونى چېكىش ئارقىلىق، شۇ كۈن، كىشى ياكى تېمىغا مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ تەپسىلىي ئۇچۇرلارغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر