بلىنكېن: تۈركىيەدىن ئافغانىستان تىنچلىق كېلىشىمى يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىشىنى سورايمىز

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ئافغانىستان رەھبەرلىرىگە يوللىغان تىنچلىق سۆھبەتلىرىگە ئالاقىدار مەكتۇپىدا، تۈركىيەدىن تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ تۈزۈلۈشى يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1596926
بلىنكېن: تۈركىيەدىن ئافغانىستان تىنچلىق كېلىشىمى يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىشىنى سورايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن، ئافغانىستان پىرېزىدېنتى مۇھەممەد ئەشرەف غېنى ۋە ئافغانىستان مىللىي يارىشىش ئالىي كېڭىشى رەئىسى ئابدۇللاھ ئابدۇللاھقا مەكتۇپ يوللاپ، تىنچلىق سۆھبىتى توغرىسىدىكى تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بلىنكېن ئافغانىستان رەھبەرلىرىگە يازغان مەكتۇپىدا «تۈركىيەدىن  ئالدىمىزدىكى ھەپتىلەردە تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالاش يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىشى ئۈچۈن ياردەم سورايمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

ئامېرىكانىڭ 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگىچە ئافغانىستاندىن پۈتۈنلەي چېكىنىشنى پىلانلاۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن مەكتۇپتا، ئافغانىستان ئارمىيەسىگە بولغان ئىقتىسادىي ياردەمنىڭ چېكىنگەندىن كېيىنمۇ داۋام قىلىدىغانلىقى، ئەمما دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقى، تالىبانلارنىڭ بۇنىڭدىن (چېكىنىشتىن) پايدىلىنىپ تېررىتورىيەگە ئېرىشىش ئارزۇسىغا مۇپتىلا بولۇش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى قاتارلىقلار قەيت قىلىندى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ غېنى ۋە ئابدۇللاھنىڭ تىنچلىق سۆھبىتى مەسىلىسىدە ئالدىرىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان مەكتۇپتا، تىنچلىق مۇساپىسىگە مۇناسىۋەتلىك تەكلىپلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)دىن رۇسىيە، خىتاي، پاكىستان، ئىران، ھىندىستان ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ۋە ۋەكىللىرىنى ئافغانىستان تىنچلىقىنى قوللاش يىغىنىغا قاتنىشىشقا چاقىرىشىنىڭ تەلەپ قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن مەكتۇپتا، بۇ دۆلەتلەرنىڭ مۇقىم ئافغانىستانغا مۇناسىۋەتلىك ئۇزۇن مۇددەتلىك ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە ئىكەنلىكى، شۇڭا ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەندى.

مەكتۇپتا يەنە، ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە ۋەكىلى زالماي خالىلزادتىن نۆۋەتتە پىرېزىدېنت غېنى بىلەن تالىبان رەھبەرلىرىنىڭ ھەل قىلىش چارىسى ۋە ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدىكى سۆھبەتلىرىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىش كېرەكلىكىگە ئالاقىدار يازما تەكلىپلىرىنى ھەمبەھىرلىشىنىڭ تەلەپ قىلىنىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

مەكتەپتا،  بۇ تەكلىپلەرنى ئورتاقلىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، «تەرەپلەرگە بەزى مەسىلىلەرنى تېڭىش» نىيىتىنىڭ يوقلۇقى ئالاھىدە تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر