ئىسرائىلىيەدە باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇغا قارشى نامايىشلار 37  ھەپتىدىن بېرى داۋاملاشماقتا

مىڭلىغان ئىسرائىلىيە پۇقراسى قۇددۇس، تەل ئاۋىۋ ۋە شىمالدىكى قەيسەرىييە شەھەرلىرىدە باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزدى.

1596588
ئىسرائىلىيەدە باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇغا قارشى نامايىشلار 37  ھەپتىدىن بېرى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە رەسمىي مېدىيا ئىدارىسى «Kan» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈنۈگۈن نېتانياھۇنىڭ قۇددۇستىكى تۇرالغۇسى ئالدىغا يىغىلغان بىر قىسىم نامايىشچىلار باش مىنىستىرنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.

تەل ئاۋىۋ ۋە قەيسارىييە شەھەرلىرىدىكى نامايىشلاردىمۇ، نېتانياھۇ ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ چىرىكلىكىگە قارشى «ئى نېتانياھۇ! مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدىڭ، ئەمدى كېتىپ قال!» دەپ شوئارلار توۋلاندى ۋە «ئى نېتانياھۇ! سېسىق پۇراپ كەتتىڭ، تېزراق كەت!» دەپ يېزىلغان لوزىنكىلار ئېچىلدى.  

ئىسرائىلىيەدە 23 - مارتتا ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ سايلامدىن ئىلگىرى باشلانغان نامايىشلار 37 ھەپتىدىن بېرى داۋاملاشماقتا.  

بەزىدە ھەپتىدە ئىككى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا، نېتانياھۇغا قارىتىلغان چىرىكلىك دېلولىرى ۋە كوۋىد -19 يۇقۇمىنى كونتىرول قىلىشتا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولماسلىقى سەۋەبىدىن ئىستىپا بېرىشى تەلەپ قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر