ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتىغا رۇسىيەنىڭ كوۋىد-19 ۋاكسىنىسى ئەملەندى

ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇروغا رۇسىيەنىڭ كوۋىد-19 ۋاكسىنىسى «سپۇتنىك V» ئەملەندى.

1596574
ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتىغا رۇسىيەنىڭ كوۋىد-19 ۋاكسىنىسى ئەملەندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو تىۋىتتېر ھېسابىدا كوۋىد-19 ۋاكسىنىسى بىلەن ئەملەنگەن ۋىدېئوسىنى ھەمبەھىرلىدى.

مادۇرو  ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىغا «مۇشۇ پەيتنى ئورتاقلىشىۋاتىمەن،  ماڭا «سپۇتنىك V» نىڭ تۇنجى مىقدارى ئەملەندى. بۇ ۋاكسىنا بىلەن نۇرغۇن سەھىيە خادىملىرىنى ئەملىدۇق، بارلىق خەلقىمىزنى قوغداش ئۈچۈن باشقا ۋاكشىنالارنىمۇ قوشۇمچە قىلغان ھالدا تەييارلىق قىلىۋاتىمىز» دېگەن سۆزلىرىنى ئىلاۋە قىلدى.

مادۇرو «سپۇتنىك V» ۋاكسىنىسىنىڭ ئىككىنچى تۈركۈمىنىڭمۇ دۆلەتكە يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئېمبارگولار ۋە توسالغۇلارغا قارىماستىن، خەلقنىڭ ھاياتىنى قوغداش ئۈچۈن ئىنتايىن ئەستايىدىللىق بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ۋېنېزۇئېلادا ۋىرۇس بىلەن قازا قىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 1400 گە ۋە يۇقۇملانغانلارنىڭ ھازىرقى سانى 142 گە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر