پاپا ئىراقتا سىستانى بىلەن كۆرۈشتى

كاتولىكلارنىڭ دىنىي داھىيسى رىم پاپاسى فرەنسىس ئىراق زىيارىتى دائىرىسىدە شىئەلەرنىڭ ئەڭ ئالىي دىنىي رەھبىرى ئەلى ئەسسىستانى بىلەن كۆرۈشتى.

1596158
پاپا ئىراقتا سىستانى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پاپا فرەنسىس ئولتۇرغان ئاپتوموبىل ئەترىتى نەجەف ئايرودۇرۇمىدىن سىستانىنىڭ ئۆيىگە يېتىپ بارغان، ئاندىن سىستانىنىڭ ئۆيىدە ئىككى رەھبەرنىڭ سۆھبىتى باشلانغان.

پاپا فرەنسىس تۈنۈگۈن ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا ئىراق باش مىنىستىرى مۇستافا ئەلقازىمى ۋە ئىراق پىرېزىدېنتى بەرھەم سالىھ بىلەن كۆرۈشكەن، ھەمدە باغدادتا «سەييىدەتۇن نەجاد چېركاۋى» نىمۇ زىيارەت قىلغانىدى.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، پاپانىڭ نەجەفتىن كېيىن، ناسىرىيەدىكى  قەدىمكى «ئۇر شەھىرى» نى زىيارەت قىلىشى كۈتۈلمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر