ئافرىندا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى

سۈرىيەنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ نىڭ ئىشغالى ئاستىدىكى تەلرىفاتتىن زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇلغان ئافرىننىڭ غەربىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلىندى.

1595512
ئافرىندا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ  نىڭ ئىشغالى ئاستىدىكى تەلرىفاتتىن زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇلغان ئافرىننىڭ غەربىدىكى مەريەمىن رايونىغا قىلىنغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا بىر ئاپتوموبىلدىكى ئۈچ پۇقرا يارىلاندى.

پارتلاش نەتىجىسىدە ئاپتوموبىىل پۈتۈنلەي كاردىن چىقتى، يارىدالار يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلاردا بالىنىستقا ئېلىندى.

«زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئافرىندىن قوغلاپ چىقىرىلغان پ ك ك / ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرى، ناھىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى تەل رىفات رايونىنى ئىشغال قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

تۈركىيە، سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسىنىڭ يېقىندىن ياردەملىشىشى نەتىجىسىدە 2018 - يىلى 20 - يانۋاردا تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ / پ ك ك دىن ئازاد قىلىش مەقسىتىدە زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىنى باشلاپ، 18 – مارتتا ئافرىننى تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر