ئافغانىستاندا قار كۆچكىنىدە نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى
ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى بەدەخشان ۋىلايىتىدە قار كۆچۈش قازاسىدا 14 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
1595474
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەدەخشان ۋالىي مەھكىمىسى باياناتچىسى نىك مۇھەممەد نەزەرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بەدەخشان ۋىلايىتىنىڭ راگىستان ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن قار كۆچۈش قازاسىدا 14 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 4 كىشى يارىلانغان. قازادىن كېيىن، قار كۆچكىنى ئاستىدا قالغانلارنىڭ بولۇش ئېھتىماللىقى كۆزدە تۇتۇلۇپ، ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋاملاشتۇرۇلغان.