ئىدلىبقا 282 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قايتقان

سۈرىيەدە ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونىدا، تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا 2020-يىلى 5-مارت ئىمزالىنىپ، بىر كۈندىن كېيىن ئىجرا قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىشقا بىر يىل بولغان بۇ كۈنلەردە 282 مىڭ 544 كىشى ئۆيلىرىگە قايتتى.

1595918
ئىدلىبقا 282 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قايتقان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە كۆچ مەلۇماتلىرىغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل سۈرىيە مۇداخىلە كوردىناتورلۇقىنىڭ مۇدىرى مۇھەممەد ھاللاج ئىدلىبقا قايتقان پۇقرالار سانى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدىن كېيىن، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ ھەربىي ھەرىكەتنى توختىتىشى بىلەن، پۇقرالارنىڭ ئۆزى ياشىغان رايونلارغا قايتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئۇرۇش توختىتىلغاندىن كېيىنكى بىر يىل ئىچىدە تەخمىنە 56 مىڭ 308 ئائىلىدىن تەركىپ تاپقان 282 مىڭ 544 پۇقرا، ئىدلىب ۋە ھەلەب ئەتراپىدىكى تۇرالغۇلىرىغا قايتتى» دېدى.

ئۇ ئۆيلىرىگە قايتقانلارنىڭ ھازىرغىچە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ياردەملىرىگە كۆپ ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، پۇقرالار قايتقان جايلاردا پارتلىمىغان بومبىلارغا دىققەت قىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

ئۇ ئۇرۇش توختىتىش داۋاملاشقان ئەھۋالدا تېخىمۇ كۆپ پۇقرانىڭ يۇرتىغا قايتىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، ئۆيلىرى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى قۇرۇقلۇقتىن ئىلگىرىلەپ قولغا كىرگۈزۈۋالغان رايونلاردا قالغان پۇقرالارنىڭ قايتىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر