ياپونىيەدە زور مىقداردا ۋاكسىنا تاشلىۋېتىلدى
ياپونىيەدە Pfizer-BioNTech تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان مىڭدىن ئارتۇق ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) ۋاكسىنىسى توڭلاتقۇ ئىشلىمىگەچكە تاشلىۋېتىلدى.
1595049
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە دۆلەتلىك مېدىيا شىركىتى — NHK نىڭ سەھىيە مىنىستىرلىقى مەنبەلىرىگە تايانچ قىلغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بىر سەھىيە مەركىزىدىكى ۋاكسىنىلار قوغدىلىدىغان توڭلاتقۇ ۋە باشقا ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىرلا توك مەنبەسىگە ئۇلىنىشى نەتىجىسىدە توك توختاپ كېتىپ، Pfizer شىركىتى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان 1332 قۇتا كوۋىد – 19 ۋاكسىنىسى ساقلىنىۋاتقان توڭلاتقۇ ئىشلىمىگەن، نەتىجىدە ۋاكسىنىلار كاردىن چىققان.
تەكشۈرۈش نەتىجىسى، توڭلاتقۇنىڭ ئورگاندىكى باشقا ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەر بىلەن ئوخشاش توك مەنبەسىگە ئۇلىنىشى نەتىجىسىدە بېسىم ئېشىپ كېتىپ توك سىمىدا كاشىلا كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.