ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش پىلانى ئاشكارىلاندى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قايتا ھۇجۇم قىلىش خەۋپى سەۋەبىدىن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى يۇقىرى پەللىگە چىقىرىلدى.

1594887
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش پىلانى ئاشكارىلاندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ساقچى ئىدارىسى بۈگۈن كىملىكى ئېنىقلانغان قوراللىق ئۇنسۇرلار گۇرۇپپىسنىڭ دۆلەت مەجلىسىگە ھۇجۇم قىلىش پىلانى توغرىسىدا ئىستىخباراتقا ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكادا 6 – يانۋاردا دۆلەت مەجلىسىگە بېسىپ كېرىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، 1933-يىلىدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ۋە پىرېزىدېنتلار قەسەم بېرىش مۇراسىمى بىلەن ۋەزىپىگە ئولتۇرىدىغان 4 – مارت كۈنىدە، سابىق پېرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ قايتا ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىدىغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارنى ئاشقۇن سولچىل سۇيىقەست گۇرۇپپىلارنىڭ ھەمبەھىرلەۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇ يازمىلار، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك دائىرىلىرىدە «ئىككىنچى قېتىملىق دۆلەت مەجلىسىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىشى مۇمكىنمۇ؟» دېگەن ئەندىشە ياراتتى. شۇڭا قۇرۇلتاي ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۈچەيتىلدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلغان يازما باياناتتا، پالاتا ۋە ئەزالىرىغا قارىتىلغان بارلىق تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ، «4 – مارتتا كىملىكى ئېنىقلانغان قوراللىق ئۇنسۇرلار گۇرۇپپسىنىڭ دۆلەت مەجلىسىگە ھۇجۇم قىلىش پىلانى توغرىسىدا ئىستىخبارات تاپشۇرۇۋالدۇق. دۆلەت مەجلىسى، خەلق ۋە ساقچىلىرىمىزنىڭ قوغدىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن فىزىكىلىق قۇرۇلما قۇرۇش ۋە قوغدىغۇچىلارنى كۆپەيتىش قاتارلىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يېڭىلىدۇق» دېدى.

باياناتتا، يەرلىك، ئىشتات ۋە فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلاشقانلىقى بىلدۈرۈلۈپ، «ئىستىخباراتقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلماقتىمىز، بۇ ئىستىخباراتنىڭ سەزگۈر تەپسىلاتى سەۋەبىدىن ھازىرچە باشقا ئۇچۇرلارنى ئورتاقلىشالشمايمىز» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر