ئافغانىستاننىڭ نانگارھار ۋىلايىتىدە يەتتە ئىشچى جېنىدىن ئايرىلدى

ئافغانىستاننىڭ شەرقىگە جايلاشقان نانگارھار ۋىلايىتىدە پىلاستىر فابرىكاسىغا قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمدا يەتتە ئىشچى جېنىدىن ئايرىلدى.

1595184
ئافغانىستاننىڭ نانگارھار ۋىلايىتىدە يەتتە ئىشچى جېنىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نانگارھار ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى جۈمە گۈل ھىممەت ۋىلايەتنىڭ سۇرھرود ناھىيەسىدىكى پىلاستىر فابرىكاسىغا كىملىكى نامەلۇم كىشىلەرنىڭ ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ۋە ھۇجۇمدا يەتتە ئىشچىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

نانگارھار ۋىلايەتلىك شۇرانىڭ ۋەكىلى نىلۇفەر ئەزىز ھۇجۇمدا جېنىدىن ئايرىلغان ئىشچىلارنىڭ ھازار شىئەلىرى ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ ئىشنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن قىلىنغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى قەيت قىلدى.

ھۇجۇمغا ھازىرچە ھېچقانداق تەشكىلات ياكى شەخس جاۋابكار بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلمىدى. ئافغانىستاندا يېقىنقى كۈنلەردە سۈيىقەست ھۇجۇملىرى كۆپىيىشكە باشلىدى.

بۈگۈن (2021-يىلى 4-مارت) ئەتىگەندە، نانگارھارنىڭ مەركىزى جەلالئاباد شەھىرىدىكى دۆلەت دوختۇرخانىسىنىڭ بىر ئايال دوختۇرى بومبا ھۇجۇمىدا جېنىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر