خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى: 21-ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ گېئو پولىتىكىلىق ئىمتىھان

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بلىنكېن تاشقى سىياسەتتە ئەھمىيەت بېرىدىغان نۇقتىلار ئۈستىدە توختالغاندا، دېموكراتىيە نامىدا باشقا دۆلەتلەرگە ھەربىي جەھەتتىن ئارىلاشمايدىغانلىقلىرىنى، دىكتاتور تۈزۈملەرنى ھەربىي كۈچ بىلەن ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنمايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1594970
خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى: 21-ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ گېئو پولىتىكىلىق ئىمتىھان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بلىنكېن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جون بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى سىياسەتتە ئالدىن ئەھمىيەت بېرىدىغان نۇقتىلىرىنى ئېلان قىلدى.

بۇلارنىڭ ئىچىدە بىرىنچىسىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى تۇرۇش ۋە دۇنيا سەھىيە بىخەتەرلىكى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ تۇرغۇنلۇقىنى ئەكسىگە ئۆزگەرتىشنىڭ، دېموكراتىيەنى قايتىدىن ئۇلۇغلاشنىڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ پۈتكۈل دۇنيادا دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «دېموكراتىيەنى چىقىمى يۇقىرى ھەربىي ئارىلىشىش ياكى دىكتاتور تۈزۈملەرنى زورلۇق كۈچ بىلەن ئاغدۇرۇش ھەرىكەتلىرى بىلەن ئۇلۇغلاشقا تىرىشمايمىز. بۇرۇن بۇ تاكتىكىلاردىن پايدىلاندۇق. بىراق، نىيەت ياخشى بولغان بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىدى. دېموكراتىيەنى ئۇلۇغلاشقا ناچار مەنە قوشتى. بۇلار ئامېرىكا خەلقىگە بولغان ئىشەنچنى زىيانغا ئۇچراتتى. بىز ئىشلارنى ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا قىلىمىز» دېدى.

پىرېزىدېنت بايدىننىڭ ھەربىي كۈچ ئورنىغا دىپلوماتىيەگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن بلىنكېن، ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشلاردىن ئېغىر ساۋاق ئالغانلىقىنى ۋە ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئۇزۇن داۋاملاشقان ھەربىي ئارىلىشىشلاردىن ھارغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ بولۇپمۇ، ئافغانىستان ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەربىي ئارىلىشىشلاردىن كېيىن، ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق بەرپا قىلىشتا، ھەربىي كۈچنىڭ چەكلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى كۆرگەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈپ: «كېلەچەكتە ھەربىي كۈچ ئىشلىتىشكە مەجبۇر قالغان ۋاقتىمىزدا، مەقسەت ۋە ۋەزىپىلىرىمىز ئوچۇق ھەمدە قولغا چىققىدەك ئەھۋالدا بولسا، مەنىۋى قىممەت قاراشلىرىمىز، قانۇنلىرىمىز ئاساسىدا، ئىزچىل ۋە ئامېرىكا خەلقىنىڭ رۇخسىتى بىلەن قىلىمىز، شۇنداقلا بۇنى دىپلوماتىيە بىلەن بىللە قىلىمىز» دېدى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ خىتايغا قارشى كۈرىشىنىمۇ مۇھىم ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان نۇقتىلار قاتارىدا سانىدى. ئۇ خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى «21-ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ گېئو پولىتىكىلىق ئىمتىھانى» دەپ ئاتىدى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ دۇنيادا رۇسىيەدىن ئىرانغىچە، بىرمادىن ئېفىيوپىيەگىچە نۇرغۇن خىرىسلارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «خىتاينىڭ خىرىسى ھېچقايسىغا ئوخشىمايدۇ» دېدى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ زۆرۈر تېپىلغاندا رىقابەتلىشىدىغانلىقىنى، زۆرۈر تېپىلغاندا ھەمكارلىقنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى، يەنە زۆرۈر تېپىلغاندا دۈشمەنلىك بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«خىتاي مۇقىم ۋە ئوچۇق خەلقئارالىق تۈزۈمگە ۋە دۇنيانى بىزنىڭ ئارزۇيىمىزغا لايىق قىلغان قائىدە-پىرىنسىپلار، مەنىۋى قىممەتلەر ۋە مۇناسىۋەتلەرگە، ئىقتىسادىي، دىپلوماتىيە، ھەربىي ۋە تېخنىكا جەھەتتىن چوڭ خىرىس قىلالايدىغان بىردىنبىر دۆلەت.»

ئۇ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان تېخنىكىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشمۇ، ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر