دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: يۇقۇملىنىش ئوتتۇرا ۋە شەرقىي ياۋروپادا قايتىدىن ئېغىرلىشىشقا باشلىدى

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) نىڭ ئوتتۇرا ۋە شەرقىي ياۋروپادا قايتىدىن كۆپىيىشكە باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1595064
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: يۇقۇملىنىش ئوتتۇرا ۋە شەرقىي ياۋروپادا قايتىدىن ئېغىرلىشىشقا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ياۋروپا تارمىقى مۇدىرى در. خەنس كلۇگ بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ بىر قىسىم غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرىدىمۇ قايتىدىن كۆپىيىشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دوختۇرخانا ۋە ساقلىق ساقلاش خادىملىرىنىڭ ئۈستىدىكى يۈكنىڭ ياۋروپادىكى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ تېببىي ھەمكارلىقى سايىسىدا يەڭگىللىتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئەمەلدارى: «شۇنداقتىمۇ، يۇقۇم بىلەن ئۆتكەن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىنمۇ ساغلاملىق سىستېمىمىز بۇ ئەھۋالدا بولماسلىقى كېرەك» دېدى.

ئۆتكەن يىلى خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە ئوتتۇرىغا چىققان كوۋىد -19 ۋىرۇسىدا ھازىرغا قەدەر دۇنيا مىقياسىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 2 مىليون 500 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر