ئامېرىكا: تۈركىيە بىلەن سۈرىيە ئارقا كۆرۈنۈشىدە ئورتاق مەنپەئەتلىرىمىز بار

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تۈركىيە بىلەن سۈرىيە ئارقا كۆرۈنۈشىدە ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1593945
ئامېرىكا: تۈركىيە بىلەن سۈرىيە ئارقا كۆرۈنۈشىدە ئورتاق مەنپەئەتلىرىمىز بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نېد پرايس كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: «تۈركىيە بىلەن سۈرىيەدىكى ئورتاق مەنپەئەتىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بەرپاچى يۆنىلىشنى بويلاپ خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

باياناتچى نېد پرايس، ئىدلىبتىكى پۇقرالارنىڭ قىرغىن قىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىۋاتقان بىردىنبىر دۆلەتنىڭ تۈركىيە ئىكەنلىكى؛ «ئىدلىبتىكى پۇقرالار مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق ئورنىتىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بار – يوقلۇقى» توغرىسىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «بىزنىڭ تۈركىيە بىلەن ئورتاق مەنپەئەتلىرىمىز بار، بولۇپمۇ تۈركىيە بىلەن سۈرىيە ئارقا كۆرۈنۈشىدە ئورتاق مەنپەئەتلىرىمىز بار. تۈركىيە بىلەن سۈرىيەدىكى ئورتاق مەنپەئەتىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بەرپاچى يۆنىلىشنى بويلاپ خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر