ئافغانىستاندا ئايال ژۇرنالىستلارنىڭ ئۆلتۈرىلىشىگە تالىبان جاۋابكار

ئافغانىستان ھۆكۈمىتى تۈنۈگۈن نانگارھار ۋىلايىتىدە بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلىدا ئىشلەيدىغان 3 ئايال خادىمنىڭ ئۆلتۈرىلىشىگە تالىباننىڭ جاۋابكارلىقى بارلىقىنى ئېلان قىلدى.

1594329
ئافغانىستاندا ئايال ژۇرنالىستلارنىڭ ئۆلتۈرىلىشىگە تالىبان جاۋابكار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غەنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، تالىباننىڭ بۇ خىل ھۇجۇملارنى قىلىش ئارقىلىق ۋەھشىيلىك مۇھىتى يارىتىشقا ۋە جۇمھۇرىيەتنى قوغداش ئۈچۈن كۆتۈرۈلۈۋاتقان ئاۋازلارنى جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

نانگارھار ساقچى دائىرىلىرىمۇ ھۇجۇمنى قىلغان 3 كىشىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى ۋە سوراقتىن كېيىن ھۇجۇمنىڭ تالىبانلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقى توغرىسىدا يەكۈن چىقىرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

تالىبان باياناتچىسى زابىھۇللاھ مۇجاھىد بولسا، ھۇجۇم بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تېرورلۇق تەشكىلاتى دائېش تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغان ئاخبارات ئورگانلىرىدا ئىشلەيدىغان مەزكۈر ئۈچ ئايال خادىمنى ئۆزلىرىنىڭ ئۆلتۈرگەنلىكلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

2020-يىلى 12-ئايدىمۇ يەنە، ئوخشاش تېلېۋىزىيە قانىلىدا ئىشلەيدىغان ئايال ژۇرنالىست مالالاي مەيۋاند قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ قازا قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر