ئەنباردىكى ئامېرىكا بازىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئىراقنىڭ ئەنبار ۋىلايىتىدىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى تۇرۇۋاتقان ئەين ئەسەد ھەربىي بازىسىغا 10 پاي راكېتامىيوت ئوقىنىڭ چۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1593981
ئەنباردىكى ئامېرىكا بازىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ خەۋەرنى ئېلان قىلغان ئىراق رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى، ھۇجۇمنى كىمنىڭ تەشكىللىگەنلىكى ۋە زىيان بار - يوقلۇقى توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىدى.

ئىراق ھۆكۈمىتىمۇ بۇ مەسىلە توغرىسىدا تېخى بايانات ئېلان قىلمىدى.

ئامېرىكانىڭ سابىق پرېزىدېنتى دونالد ترامپ 2018 - يىلى 26 - دېكابىردا ئەنباردىكى ئەين ئەل ئەسەاد ھەربىي بازىسىنى تۇيۇقسىزلا زىيارەت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر