رۇسىيە ئامېرىكانىڭ جازا يۈرگۈزۈش قارارىغا ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا، دۆلىتىنىڭ ئامېرىكانىڭ جازا يۈرگۈزۈش قارارىغا ئوخشاش ئۇسۇلدا ئىنكاس قايتۇرۇش پىرىنسىپ بويىچە جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1594059
رۇسىيە ئامېرىكانىڭ جازا يۈرگۈزۈش قارارىغا ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا، ئامېرىكانىڭ رۇس ئۆكتىچى ئالېكسېي ناۋالنىينىڭ زەھەرلىنىشى ۋە قولغا ئېلىنىشى مەسىلىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ چىقارغان «رۇسىيەگە جازا يۈرگۈزۈش قارارى»غا ئوخشاش ئۇسۇلدا ئىنكاس قايتۇرۇش پىرىنسىپ بويىچە جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتچى مارىيا زاخاروۋا يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جازا يۈرگۈزۈش قارارى چىقىرىش ئارقىلىق «ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ماسلىشىپ  موسكۋانى جازالاش ئۈچۈن رۇسىيەگە قارشى دۈشمەنلەرچە ھۇجۇم قوزغىغانلىقى»نى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ، ئاقساراينىڭ ئۆزىنىڭ ئىچكى مەسىلىسىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، تاشقى دۈشمەن يارىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

جازا يۈرگۈزۈشنىڭ سەۋەبى سۈپىتىدە ئالېكسېي ناۋالنىينىڭ ئاتالمىش ​​ھەربىي خىمىيەلىك دورا بىلەن زەھەرلەنگەنلىكىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە «بىمەنە» دەپ باھا بەرگەن زاخاروۋا: «بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ئىچكى ئىشلىرىمىزغا ئارىلىشىشنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئوچۇق باھانىسى. بىزنىڭ بۇنىڭغا قاراپ تۇرۇش نىيىتىمىز يوق. بىز ئوخشاش ئۇسۇلدا جاۋاب بېرىش پىرىنسىپى بويىچە ئىنكاس قايتۇرىمىز» دېدى.

جازا يۈرگۈزۈش ياكى باشقا بېسىملار ئارقىلىق رۇسىيەگە بىر نەرسىلەرنى تېڭىشنى نىشان قىلغان پىلانلارنىڭ ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا ھازىرمۇ مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن زاخاروۋا: «ئامېرىكانىڭ جازاسىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىز ھەر قانداق تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش ئارقىلىق دۆلەت مەنپەئەتىمىزنى ئىزچىل ۋە كەسكىن قوغدايمىز. بىز (ئامېرىكالىق) خىزمەتداشلىرىمىزنى ئوت بىلەن ئويناشماسلىققا چاقىرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا موسكۋانى رۇس ئۆكتىچى ئالېكسېي ناۋالنىينى زەھەرلەش ۋە قولغا ئېلىش بىلەن ئەيىبلەپ، رۇسىيەلىك يەتتە ئەمەلدار بىلەن 14 رۇس ئورگىنىغا جازا يۈرگۈزۈشنى قارار قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر