پارىژدا ئۈچ تەشكىلات بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئۈستىدىن ئەرز قىلدى

فىرانسىيە پايتەختى پارىژدا ئۈچ ئىجتىمائىي تەشكىلات 2013-يىلى سۈرىيەنىڭ شەرقىي گۇتا رايونىدا قىلىنغان خىمىيەلىك ھۇجۇملاردا «ئۇرۇش جىنايىتى» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئۈستىدىن ئەرز قىلدى.

1594162
پارىژدا ئۈچ تەشكىلات بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئۈستىدىن ئەرز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە مېديا ۋە پىكىر ئەركىنلىكى مەركىزى، ئوچۇق جەمئىيەت ئادالەت ھەرىكىتى ۋە «سۈرىيە ئارخىپى» ناملىق ئۈچ تەشكىلات بىرلىكتە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، 2013-يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا شەرقىي گۇتا رايونىغا قىلىنغان خىمىيەلىك ھۇجۇملار توغرىسىدا نۇرغۇن دەلىل-ئىسپات، ھۆججەت، فوتوگراف ۋە ۋىدېئولارنىڭ توپلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى «ئۇرۇش جىنايىتى» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ئۆتكۈزگەنلىكى سەۋەبىدىن پارىژ ئەدلىيە مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، سۈرىيە ئارخىپىنىڭ دىرېكتورى ھادى ئال خاتىبنىڭ سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ خىمىيەلىك قوراللارنى ياساش ۋە ئىشلىتىش مەسىلىسىدە ئوچۇق-ئاشكارا بولمىغانلىقىنى، شۇڭا بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ  بۇ ھۇجۇملارغا مەسئۇل بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، سۈرىيە مېديا ۋە پىكىر ئەركىنلىكى مەركىزىنىڭ دىرېكتورى مازەن دەرۋىشنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ سوتقا تارتىلىشى ئۈچۈن خەلقئارالىق سوت قۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

مەزكۇر ئۈچ تەشكىلات 2020-يىلى ئۆكتەبىردىمۇ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەنلىكىنى سەۋەب قىلىپ، گېرمانىيەنىڭ كارلسرۇھې (Karlsruhe) فېدېراتسىيە تەپتىش مەھكىمىسىگىمۇ ئەرز قىلغان ئىدى.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى 2013-يىلى 21-ئاۋغۇست شەرقىي گۇتا رايونىغا قىلغان خىمىيەلىك ھۇجۇمدا، 1400 دىن ئارتۇق پۇقرا جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر