نىگېرىيەدە بوكو ھارام تېررورلۇق تەشكىلاتى ئارمىيە قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلدى

نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامنىڭ ھۇجۇمىدا يەتتە نەپەر ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم خادىمىنى ئېلىپ قاچتى.

1594052
نىگېرىيەدە بوكو ھارام تېررورلۇق تەشكىلاتى ئارمىيە قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بوكو ھارام تېررورلۇق تەشكىلاتى بورنو (Borno) ئىشتاتىدىكى دىكۋا (Dikwa) رايونىدا نىگېرىيە ئارمىيە قىسمىغا ھۇجۇم قىلدى. ھۇجۇمدا، رايوندا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان يەتتە نەپەر ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم خادىمى ئېلىپ قېچىلدى، ئۇلارنىڭ ئىشخانىلىرىغا ۋە بىر دوختتۇرخانىغا ئوت قويۇپ بېرىلدى.

ب د ت ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئورگىنىنىڭ نىگېرىيە كوردىناتورى ئېدۋارد كاللون (Edward Kallon) بوكو ھارام تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇمىنى ئەيىبلەپ، رايوندىكى خەلقنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈستىدە ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ مەزكۇر ھۇجۇم سەۋەبىدىن رايوندا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمگە ئېھتىياجلىق تەخمىنەن 100 مىڭ كىشىنىڭ خەتەر ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

نىگېرىيەنىڭ كادۇنا (Kaduna) ئىشتاتىدىمۇ قوراللىق كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىدا 16 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

كادۇنا ئىشتاتىنىڭ ئىچكى خەۋپسىزلىك ۋە ئىچكى ئىشلار كومىسسارى سامۇئېل ئارۇۋان (Samuel Aruwan) كىملىكى ھازىرغىچە ئېنىقلانمىغان قوراللىق كىشىلەرنىڭ ئىشتاتنىڭ زانگون كاتاف (Zangon Kataf) ۋە كۇرمىن گاندۇ (Kurmin Gandu) يېزىلىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

سامۇئېل ئارۇۋان ھۇجۇمدا 16 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىپ، نۇرغۇن كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ۋە رايون خەلقىنىڭ قورققانلىقتىن ئۆيلىرىدىن ئايرىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

سامۇئېل ئارۇۋان يەنە، 10 ئۆي ۋە ئىككى موتوسىكلىتنىڭ كۆيۈپ كۈل بولغانلىقىنى، رايونغا خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكىنى ۋە ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر