گوللاندىيەدە كوۋىد-19 تەكشۈرۈش مەركىزىگە بومبا ھۇجۇمى قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

گوللاندىيەنىڭ بوۋېنكاردسپېل شەھىرىدىكى كوۋىد-19 تەكشۈرۈش مەركىزىگە يېقىن جايدا پارتىلاش يۈز بەردى.

1594252
گوللاندىيەدە كوۋىد-19 تەكشۈرۈش مەركىزىگە بومبا ھۇجۇمى قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گوللاندىيە ساقچىلىرىنىڭ تىۋىتتېردا ئېلان قىلغان باياناتىدا، شۇ يەرنىڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 06.55 ئەتراپىدا يۈز بەرگەن پارتلاشنى تۇرۇبا تىپىدىكى بومبا كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ھەمدە ھۇجۇمدا يارلىنىش ۋە قازا قىلىش ھادىسىسى كۆرۈلمىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.  

باياناتتا، پارتىلاشنىڭ تەسىرىدە تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ ئەينەكلىرى سۇنغانلىقى ۋە پارتلاشنىڭ كوۋىد-19 تەكشۈرۈش مەركىزى تېخى ئېچىلمىغان بىر پەيتتە يۈز بەرگنلىكى تەكىتلەندى.

پارتلاشنىڭ بومبا ھۇجۇمى  ئىكەنلىكى ۋە كوۋىد-19 تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ نىشان قىلىنغانلىقىدىن گۇمانلانغان ساقچىلار، ئەتراپتا باشقا پارتىلاتقۇچلارمۇ بولىشى مۇمكىن، دېگەن  گۇمان بىلەن كوچىنى قاتناشتىن توختاتتى.

گوللاندىيەدە 12-ئايدىمۇ بىر قىسىم كوۋىد-19 تەكشۈرۈش مەركەزلىرىگە قارىتا ئوخشاش ھۇجۇملار يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۇرك ئارىلىدىكى بىر تەكشۈرۈش مەركىزىگە ئوت قويۇپ بېرىلگەن ئىدى.

ئامىستېردام ۋە ئۇرموند شەھەرلىرىدىمۇ تەكشۈرۈش مەركەزلىرىنىڭ دېرىزىلىرى چىقىپ تاشلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر