دىنىي ئالىم مەۋلەۋى فەيىز مۇھەممەد فايىز كابۇلدا سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلدى

ئافغانىستاندا يېقىنقى 4 ئايدىن بۇيان چوڭ شەھەرلەردە سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈش دولقۇنى ئەۋجىگە چىقتى.

1594447
دىنىي ئالىم مەۋلەۋى فەيىز مۇھەممەد فايىز كابۇلدا سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا دىنىي ئالىم مەۋلەۋى فەيىز مۇھەممەد فايىز قوراللىق ھۇجۇمدا ئۆلتۈرۈلدى.

كابۇل ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى فىردەۋس فارامارز مەتبۇئاتقا بەرگەن باياناتىدا، قۇندۇز ۋىلايەتلىك ئالىملار كېڭىشىنىڭ سابىق رەئىسى مەۋلەۋى فەيىز مۇھەممەد فايىزنىڭ كابۇلنىڭ ساراك جاكشان رايونىدا نامەلۇم كىشىلەرنىڭ سىيىقەستىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتتى.

فىردەۋس فارامارز ھۇجۇم نەتىجىسىدە مەۋلەۋى فايىزنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، ھۇجۇمچىلارنىڭ ۋەقەدىن كېيىن رايوندىن قېچىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئافغانىستاندا يېقىنقى 4 ئاي ئىچىدە، بولۇپمۇ چوڭ شەھەرلەردە ئەۋجىگە چىققان قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دولقۇنى داۋاملاشماقتا. ژۇرنالىستلار، پائالىيەتچىلەر، دىنىي ئۆلىمالار، مەمۇرلار ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرى بۇ قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دولقۇنىنىڭ ھۇجۇم نىشانى قىلىنماقتا.

تۈنۈگۈن كەچتە، دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى نانگارھار ېىلەيىتىدە «Enikas» تېلېۋىزىيە قانىلىدا ئىشلەيدىغان 3 ئايال خىزمەتچى قوراللىق ھۇجۇمدا قازا قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر