بولىۋىيەدە پاجىئە يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىسى ئۆلدى

بولىۋىيەدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا قىستاڭچىلىق سەۋەبىدىن رېشاتكىلارنىڭ سۇنۇپ كېتىپشى نەتىجىسىدە تۆتىنچى قەۋەتتىن يىقىلىپ چۈشكەن 7 ئوقۇغۇچى قازا قىلدى.

1594218
بولىۋىيەدە پاجىئە يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىسى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت لاپاز ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق ئەلئالتو شەھىرىدە، بىر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇغۇچىلار مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەت ئەسناسىدا، 4 – قەۋەتنىڭ رېشاتكىلىرى سۇنۇپ كەتتى، ئارقىدىنلا 7 ئوقۇغۇچى چۈشۈپ كېتىپ، جېنىدىن ئايرىلدى، يارىلانغان  5 كىشى دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

دائىرىلەر، ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر