بىرما ھەربىي سوتى سابىق پىرېزىدېنتنى ئاساسىي قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى

بىرمادا ھەربىي ئۆزگىرىش ۋە خەلق تەرىپىدىن سايلانغان ھۆكۈمەت مەسئۇللىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا قارشى نامايىش قىلغانلارغا خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ راست ئوق ئېتىشى سەۋەبىدىن ئالتە كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1594481
بىرما ھەربىي سوتى سابىق پىرېزىدېنتنى ئاساسىي قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرما ناۋ (Now) خەۋەرلەر تورى نامايىشقا قاتناشقان سەھىيە خادىملىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسەن، مىڭلارچە كىشى ھەربىي ئۆزگىرىشكە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن يىغىلغان ماندالايدا، خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ راست ئوق ۋە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئېتىپ، نامايىشچىلارنى باستۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بىرما سەھىيە خادىملىرى نامايىشچىلارغا قارىتىپ ئوق چىقىرىلىشى نەتىجىسىدە ئالتە كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، ئونلارچە كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ۋە بەزى يارىلانغانلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

نامايىشچى گۇرۇپپىلار ئۆلۈم سانىنىڭ ئېشىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

جېنىدىن ئايرىلغانلار ئارىسىدىكى 19 ياشلىق نامايىشچى قىزنىڭ تاراتقۇلاردا تارقىتىلغان فوتوگرافلىرى نارازىلىقلارنىڭ قوزغىلىشىغا سەۋەب بولدى. نامايىشچىلارنىڭ تاراتقۇلاردا تارقاتقان ۋىدېئولىرىدا، خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ بەزى جەسەتلەرنى ھەربىي ئاپتوموبىللارغا توشۇۋاتقانلىقى كۆرۈنىدۇ.

يانگون شەھىرىدىكى مەيدانلارغا توپلانغان نۇرغۇن نامايىشچى، خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ مۇۋازىنەتسىز كۈچ ئىشلىتىشىنى ئەيىبلەپ، تۇتقۇن قىلىنغان خەلق تەرىپىدىن سايلانغان ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

بىرما ھەربىي سوتى 2021-يىلى 1-فېۋرال ئەتىگەندە تۇتقۇن قىلىنغان سابىق پىرېزىدېنت ۋىن ميىنت (Win Myint) نى ئىككى ئايرىم «ئاساسىي قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىدى. ئەگەر بۇ جىنايەتلەر تەستىقلانسا ۋىن ميىنتنىڭ ئۈچ يىلغىچە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشىنىڭ مۇمكىنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر