ئىسرائىلىيە ھەربىي سوت مەھكىمىسى پەلەستىنلىك سابىق پارلامېنت ئەزاسىنى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى

ئىسرائىلىيە ھەربىي سوت مەھكىمىسى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى پەلەستىن خەلق ئازادلىق فىرونتىنىڭ رەھبىرى خالىدە جەررارنى 2 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

1593439
ئىسرائىلىيە ھەربىي سوت مەھكىمىسى پەلەستىنلىك سابىق پارلامېنت ئەزاسىنى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى زامىرنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى باياناتچىسى ھىبا ھامارشەنىڭ بىلدۈرۈشىچە، راماللاھنىڭ غەربىدىكى ئىسرائىلىيە ئوفېر ھەربىي سوت مەھكىمىسى، خالىدە جەررارنى 2 يىللىق قاماق جازاسىغا ۋە 4000 شېكېل (تەخمىنەن 1200 دوللار) جەرىمانە تۆلەشكە ھۆكۈم قىلغان.

 2019 – يىلى، 31 – ئۆكتەبىر كۈنى، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى خالىدە جەررارنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرىپ، ئۇنى تۇتۇپ كەتكەنىدى.

ئۇ، 2019 – يىلى، 28 – فېۋرال كۈنى، تەخمىنەن 20 ئايلىق تۇتقۇنلۇقتىن كېيىن، ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر