ئىراننىڭ «غەيرىي رەسمىي يادرو كېلىشىمى يىغىنى» نى رەت قىلىشى ئۈمىدسىزلىك ياراتتى

ئاقساراي باياناتچىسى جېن پساكى ئىراننىڭ «غەيرىي رەسمىي يادرو كېلىشىمى يىغىنى» نى رەت قىلغانلىقى ئۈستىدە توختالدى.

1593347
ئىراننىڭ «غەيرىي رەسمىي يادرو كېلىشىمى يىغىنى» نى رەت قىلىشى ئۈمىدسىزلىك ياراتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي باياناتچىسى جېن پساكى ئىراننىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي  ۋەكىلى جوسېپ بوررېل ئوتتۇرىغا قويغان «غەيرىي رەسمىي يادرو كېلىشىمى يىغىنى» نى رەت قىلغانلىقىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى ئېيتتى.

جېن پساكى ئاقسارايدا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، «بىز ئىراننىڭ بۇ جاۋابىدىن ئۈمىدسىزلەندۇق. يادرو كېلىشىمىدىكى ۋەدىلەرگە قايتىش ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك دىپلوماتىيەنى داۋاملاشتۇرىمىز ۋە ھەر باسقۇچتا شېرىكلىرىمىز بىلەن داۋاملىق ئالاقىلىشىپ تۇرىمىز» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر