ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ سوكوترا ئارىلىغا ئەسكەر يۆتكىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

يەمەن ئۇچۇر – ئاخبارات مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مۇختار ئەرراھبى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ يەمەننىڭ جەنۇبىدىكى سوكوترا پورتىغا ھەربىي يۆتكىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

1593445
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ سوكوترا ئارىلىغا ئەسكەر يۆتكىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: راھبى تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئەبۇدابى ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەسكەرلىرىنى رايونغا ئەۋەتكەنلىكىنى، ئوق - دورا قاچىلانغان ھەربىي پاراخوتىنىڭمۇ پورتقا يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ كىملىكى توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىدى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىمۇ بۇ مەسىلە توغرىسىدا ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەنۋەر گارگاش دۆلىتىنىڭ ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردە يەمەندىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

يەمەن ئۇچۇر – ئاخبارات مىنىستىرلىقى مەسلىھەتچىسى مۇھەممەد كىيزان بۇ باياناتنى رەت قىلىپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ يەمەندە يەنىلا ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ، دېگەنىدى.

سوكوترا ۋالىيسى رەمزى ماھرۇسمۇ ئالدىنقى ھەپتە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ھەربىي ئاپتوموبىللارنى سوكوترا پورتىغا ئەۋەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر