توكيو بېيجىڭنىڭ سىنكاكو ئاراللىرى توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى

ياپونىيە شەرقىي خىتاي دېڭىزدىكى دەتالاشلىق سېنكاكۇ ئارىلىنى ئۆزىنىڭ «ئىچكى رايونى» دەپ كۆرسەتكەن خىتاينىڭ «خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقى»نى بىلدۈردى.

1593338
توكيو بېيجىڭنىڭ سىنكاكو ئاراللىرى توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كىشى نوبۇ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، دەتالاشلىق ئاراللارنىڭ خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدە «خىتاينىڭ ئىچكى رايونى» دەپ كۆرسىتىلىشىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

مىنىستىر كىشى سېنكاكۇ ئاراللىرىنىڭ تارىخ ۋە خەلقئارا قانۇن جەھەتتىن «ياپونىيەنىڭ ئىچكى رايونى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەزكۇر ئاراللارنىڭ نۆۋەتتە ياپونىيەنىڭ كونتروللۇقىدا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتلىرىنىڭ خىتاينىڭ رايوندىكى بىر تەرەپلىمە دەۋالىرىغا ئاساسەن ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلىرىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. بىز مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار بىلەن بىرلىكتە چارلاش ۋە كۆزىتىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن تەييارلىق خىزمەتلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز.»

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، دەتالاشلىق ئاراللار توغرىسىدا «ۋەزىيەتنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدىغان خەتەرلىك سۆز ۋە ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىش كېرەك» دېگەنىدى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدە: «بۇ ئاراللارنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇقى ئىكەنلىكىنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە تارىخىي ۋە قانۇنىي ئاساسى بار. خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ چارلاش ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش پائالىيەتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدۇ، ھەمدە نورمال ھالىتىدە داۋاملىشىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر