ترامپ رەپىقىسى بىلەن ئاقسارايدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن ۋاكسىنا ئەملەتكۈزگەن
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سابىق پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋە رەپىقىسى مېلانىئا ترامپنىڭ ئاقسارايدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن ۋاكسىنا ئەملەتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەركىزى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا تۇرۇشلۇق «‹ Axios› خەۋەرلەر تورى» نىڭ ترامپنىڭ مەسلىھەتچىلىرىنى مەنبە كۆرسىتىپ خەۋەر قىلىشىچە، دونالد ترامپ بىلەن رەپىقىسى مېلانىئا ترامپ، ئاقسارايدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن، «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى ۋاكسىنا ئەملەتكۈزگەن.
دونالد ترامپ بىلەن رەپىقىسى مېلانىئا ترامپ تەرىپىدىن بولسا، بۇ ھەقتە تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىدى.
2020-يىلى، ئۆكتەبىردە «كوۋىد – 19» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن ساقايغان ترامپ، ئۆزىنىڭ ئىممۇنىتېتلانغانلىقىنى ۋە ۋاكسىنا ئەملەتكۈزمەيدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.
2020-يىلى، 3 – نويابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا ئۇتتۇرۇپ قويغان ترامپنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 20 – يانۋار كۈنى توشقاچقا، ئۇنىڭ ئورنىغا جو بايدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.