تېببۇن: فىرانسىيەنىڭ تېررورلۇق قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە قەتئىي قاتناشمايمىز

ئالجىرىيە پىرېزىدېنتى ئابدۇلمەجىد تېببۇن دۆلىتىنىڭ فىرانسىيەنىڭ ئافرىقا دېڭىز قىرغىقى رايونىدا قوزغىغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە قەتئىي قاتناشمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

1593188
تېببۇن: فىرانسىيەنىڭ تېررورلۇق قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە قەتئىي قاتناشمايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېببۇن ئالجىرىيە تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننىڭ فىرانسىيە تاراتقۇلىرىغا بەرگەن باياناتىدىكى «تىببۇننىڭ، ئالجىرىيەنىڭ ساھىل رايونىدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە قاتنىشىشقا قوشۇلغانلىقى» ھەققىدىكى سۆزلىرى توغرىسىدا توختىلىپ: «بىز ئافرىقا دېڭىز قىرغىقى رايونىدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە قەتئىي قاتناشمايمىز، مەن خەلقىمنىڭ ئارمىيەدىكى ئەۋلادلىرىنى ھەر قانداق تەرەپنىڭ يېنىغا قۇربان بولۇش ئۈچۈن ھەرگىزمۇ ئەۋەتمەيمەن» دېدى ۋە بۇ سۆزلىرى ئارقىلىق ماكروننىڭ باياناتىنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلدى.

تېببۇن، ئۆتكەن يىلى مارتتا ئالجىرىيەدە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان، ئەمما يۇقۇم سەۋەبىدىن كېچىكتۈرۈلگەن ئەرەب ئەللىرى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئىنتېرنېت مۇھىتىدا ئۆتكۈزۈلۈشى مۇۋاپىق دەپ قارالمىغانلىقى ئۈچۈن كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر