«Pfizer-BioNTech» ۋە «Oxford-AstraZeneca» كوۋىد-19 غا قارشى ئەڭ كۈچلۈك ۋاكسىنا بولدى

«Pfizer-BioNTech» ۋە «Oxford-AstraZeneca» ۋاكسىنىسىنىڭ بىر قېتىملىق ئەملىنىشىنىڭلا دوختۇرخانىدا يېتىش نىسبىتىنى %80 تىن كۆپرەك ئازايتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1593333
«Pfizer-BioNTech» ۋە «Oxford-AstraZeneca» كوۋىد-19 غا قارشى ئەڭ كۈچلۈك ۋاكسىنا بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە ئاممىۋى سەھىيە ئىدارىسى «Pfizer-BioNTech» ۋە «Oxford-AstraZeneca» ۋاكسىنىسىنىڭ كوۋىد -19 يۇقۇملىنىشىنى ئازايتىشتىكى تەسىرى توغرىسىدا تۇنجى بايقاشلىرىنى ئېلان قىلدى.

بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ۋاكسىنا ئەملىنىپ 4 ھەپتىدىن كېيىن، «Pfizer-BioNTech» ۋاكسىنىسىنىڭ بىر قېتىملىق ئەملىنىشىدە كوۋىد -19 نىڭ ئالدىنى ئېلىشتا %57-61 ئۈنۈم كۆرسەتكەنلىكى ۋە «Oxford-AstraZeneca» ۋاكسىنىسىنىڭ %60-73 پىرسەنت ئۈنۈم كۆرسەتكەنلىكى ئېنىقلانغان.

80 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەر ئەملەنگەندىن كېيىنكى 3-4 ھەپتە ئىچىدە، ھەر ئىككى ۋاكسىنىنىڭ بىرىنچى ئەملىنىشىدىلا دوختۇرخانىدا يېتىش نىسبىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا %80 تىن يۇقىرى ئۈنۈم ياراتقانلىقى ئېنىقلانغان. «Pfizer-BioNTech» ۋاكسىنىسىنىڭ كوۋىد-19 سەۋەبىدىن ئۆلۈش نىسبىتىنى %83 ئازايتقانلىقى ئىسپاتلانغان.

سەھىيە مىنىستىرى مات خەنكوك كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىكى باياناتىدا، بۇ تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىتا «ناھايىتى كۈچلۈك» دەپ باھا بەردى ۋە ۋاكسىنىنىڭ ھەم دوختۇرخانىلاردىكى بېسىمىنى ئازايتىشقا، ھەم ھايات قۇتقۇزۇشقا ياردىمى بولۇۋاتقانلىقى كۆرۈلگەنلىكىنى  ئېيتتى.

ئەنگىلىيەدە كوۋىد -19 نىڭ تېخىمۇ ئەجەللىك ۋە تېز تارقىلىشچان يېڭى تۈرى بايقالغاندىن كېيىن  يۇقۇملىنىش ۋە ئۆلۈش نىسبىتىمۇ ئاشقان ئىدى.

بىراق  5-يانۋار باشلانغان كارانتىنا ۋە ۋاكسىنا ئەملەشنىڭ تەسىرىدە، كۈندىلىك يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 10 مىڭدىن تۆۋەنلىگەن ۋە قازا قىلىش نىسبىتى 500 نىڭ ئاستىغا چۈشكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر