بىرما ئارمىيەسى نامايىشچىلارغا قارشى راست ئوق ئىشلەتتى

بىرما خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ھەربىي ئۆزگىرىش ۋە خەلق تەرىپىدىن سايلانغان ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ قولغا ئېلىنىشىغا قارشى نامايىش قىلىۋاتقانلارغا راست ئوق ۋە ئاۋاز بومبىسى ئېتىپ تارقىتىۋېتىشكە ئۇرۇندى.

1593663
بىرما ئارمىيەسى نامايىشچىلارغا قارشى راست ئوق ئىشلەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرما نامايىشچىلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئادرېسلىرىدا، بۈگۈن (2021-يىلى 2-مارت) كى نامايىشلاردا، راست ئوق بىلەن يارىلانغان كىشىلەرنىڭ ۋىدېئو كۆرۈنۈشلىرىنى ھەمبەھىرلىدى.

تاراتقۇلاردا ھەمبەھىرلەنگەن ئۇچۇرلاردا، خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئاتقان ئاۋاز بومبىلىرىنىڭ كۆرۈنۈشلىرىمۇ تارقىتىلدى.

خەۋپسىزلىك كۈچلىرى لاشىيو (Lashio) شەھىرىدىكى بىر چېركاۋغا بېسىپ كىرىپ، 10 كىشىنى تۇتقۇن قىلدى.

ىرما سىياسىي مەھبۇسلىرىغا ياردەم قىلىش تەشكىلاتىنىڭ باياناتىدا، 1-فېۋرال (2021) ھەربىي ئۆزگىرىشىگە قارشى نامايىشلار باشلانغاندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە 30 كىشىنىڭ خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ باستۇرۇشىدا جېنىدىن ئايرىلغانلىقى، 1213 كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە بۇلاردىن 913 كىشىنىڭ ھازىرغىچە تۇتقۇندا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

بىرما ئارمىيەسى ئۆزىگە يېقىن سىياسىي گۇرۇپپىلارنىڭ 2020-يىلى 8-نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا ساختىپەزلىك قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى ۋە دۆلەتتە سىياسىي ئىختىلاپلارنىڭ كۈچىيىشى بىلەن، 2021-يىلى 1-فېۋرال ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالغان ئىدى.

بىرما ئارمىيەسى يەنە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە دۆلەتنىڭ ئەمەلىيەتتىكى رەھبىرى ئاڭ سان سۇچى قاتارلىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ھەمدە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە مەسئۇللىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، بىر يىللىق جىددىي ھالەت ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر