زالماي خالىلزاد ئافغانىستان رەھبەرلىرى ۋە تالىبان ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ

ئامېرىكانىڭ ئافغانىستان ئالاھىدە ۋەكىلى زالماي خالىلزادنىڭ ئافغانىستان بىلەن قاتارنى زىيارەت قىلىپ، تالىبان ۋەكىللىرى ۋە ئافغانىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1592483
زالماي خالىلزاد ئافغانىستان رەھبەرلىرى ۋە تالىبان ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ ئافغانىستان ئالاھىدە ۋەكىلى زالماي خالىلزاد ئافغانىستان بىلەن قاتارنى زىيارەت قىلىپ،  تالىبان ۋەكىللىرى ۋە ئافغانىستاننىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى زالماي خالىلزاد ھەيئىتىنىڭ كابۇل ۋە دوھا زىيارىتىنىڭ ۋاقتىغا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق مەلۇماتنى ئاشكارىلىمىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا: «ئالاھىدە ۋەكىل ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىش ۋە كەڭ دائىرىلىك تىنچلىق ئۈچۈن ئافغانىستان رەھبەرلىرى، تالىبان ۋەكىللىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر بىلەن كۆرۈشۈشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېيىلدى.

ئامېرىكا بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدا 2020-يىلى 29-فېۋرال دوھادا «ئافغانىستانغا تىنچلىق ئەكىلىش» كېلىشىمى ئىمزالىغان ئىدى. ئامېرىكا يېڭى ھۆكۈمىتى ئافغانىستاندىكى زوراۋانلىقلارغا قارىتا ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ پۈتۈنلەي چېكنمەسلىكى مۇمكىنلىكىدىن بېشارەت بەرگەن ئىدى.

ئافغانىستاندىكى زوراۋانلىقلارنى توختىتىش مەقسىتىدە قاتار پايتەختى دوھادا 2021-يىلى 6-يانۋار باشلانغان ۋە 26-يانۋار تالىبان ھەيئىتىنىڭ رايوندىكى دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىشى بىلەن ۋاقىتلىق توختىتىلغان «ئافغانىستانلىقلار ئارا مۇزاكىرەلەر» نىڭ ئىككىنچى باسقۇچى 22-فېۋرال قايتا باشلانغان ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر