ئەسەد ھاكىمىيىتى ئىسرائىلىيەنىڭ دەمەشققە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشققە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

1592533
ئەسەد ھاكىمىيىتى ئىسرائىلىيەنىڭ دەمەشققە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ خەۋەر ئاگېنتلىقى — سانا، ھەربىي مەنبەلەردىن ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن خەۋىرىدە، ئىسرائىلىيەنىڭ شۇ يەر ۋاقتى سائەت 22 دىن 16 مىنۇت ئۆتكەندە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى گولان ئېگىزلىكى يۆنىلىشىدىن دەمەشق شەھەر مەركىزى ئەتراپىدىكى بىر قىسىم ھاكىمىيەت نۇقتىلىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئادەم ئۆلۈش ياكى كۆرۈلگەن ماددىي زىيانلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن خەۋەردە، «ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىمىز دۈشمەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىغا تاقابىل تۇرۇپ، كۆپىنچىسىنى پاچاقلاپ تاشلىدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئىسرائىلىيە تەرەپ بۇ توغرىدا ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.

پايتەخت دەمەشقتە ، ھاكىمىيەت ئارمىيەسىدىن باشقا، ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ قوماندانلىقى ئاستىدىكى چەت ئەللىك تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرىغا تەۋە ھەربىي ئورۇنلار بار.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى، ئىسرائىلىيەنىڭ 15 - فېۋرالدا دەمەشققە، 4 - فېۋرالدا دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى كۇنەيتىرا ۋىلايىتىگە، 13 – يانۋاردا سۈرىيەنىڭ شەرقىدىكى دەير ئەززورغا، 7 – يانۋاردا پايتەخت دەمەشقنىڭ جەنۇبىغا، 2020 – يىلى 30 – دېكابىردا دەمەشقنىڭ غەربى ياقىسىدىكى نەبى ھابىل رايونىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر