ب د ت بىرما ھەربىي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

ب د ت بىرمادا پۇقرالارنىڭ باستۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى ۋە تىنچلىق بىلەن نامايىش قىلغان پۇقرالارغا ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇۋازىنەتسىز كۈچ ئىشلىتىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1592522
ب د ت بىرما ھەربىي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باش كاتىپىنىڭ باياناتچىسى ستېفان دۇجارىك (Stephane Dujarric) بىرمادا يېقىنقى كۈنلەردە يۈز بېرىۋاتقان زوراۋانلىق ۋەقەلىرى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا: «باش كاتىپ بىرمادىكى زوراۋانلىق خاراكتېرلىك باستۇرۇشلارنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ. ئۆلۈم ۋە يارىلانغانلار سانىنىڭ كۆپىيىشىدىن چوڭقۇر قايغۇرۇۋاتىدۇ. بىرمادا تىنچلىق بىلەن نامايىش قىلغانلارغا ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇۋازىنەتسىز كۈچ ئىشلىتىشىنى ۋە ئارمىيەنىڭ قالايمىقان ئادەم تۇتۇشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. باش كاتىپ خەلقئارالىق جەمئىيەتلەرنى بىرلىشىپ، بىرما خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە ھۆرمەت كۆرسىتىشى ئۈچۈن ئارمىيەگە ئېنىق سىگنال بېرىشنى چاقىرىق قىلىدۇ» دېيىلدى.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى تۈنۈگۈن (2021-يىلى 28-فېۋرال) بىرمادىكى بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلارنى باستۇرۇشى سەۋەبىدىن ئەڭ ئاز دېگەندە 18 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

بىرما ئارمىيەسى ئۆزىگە يېقىن سىياسىي گۇرۇپپىلارنىڭ 2020-يىلى 8-نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا ساختىپەزلىك قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى يىرىكچىلىكلەرنىڭ كەسكىنلىشىشى بىلەن، 2021-يىلى 1-فېۋرال ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاپ ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالغان ئىدى.

بىرما ئارمىيەسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە دۆلەتنىڭ ئەمەلىي رەھبىرى ئاڭ سان سۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنى تۇتۇپ، بىر يىللىق جىددىي ھالەت ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر