نيۇيورك ۋالىيسى ئاندرېۋ كۇمو يەنە بىر قېتىم شەھۋانىيەتچىلىك بىلەن ئەيىبلەندى

ئامېرىكادا نيۇيورك ۋالىيسى ئاندرېۋ كۇمو ئالدىنقى سابىق مەسلىھەتچىسىدىن كېيىن يەنە بىر سابىق مەسلىھەتچىسى تەرىپىدىنمۇ جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىش بىلەن ئەيىبلەندى.

1592159
نيۇيورك ۋالىيسى ئاندرېۋ كۇمو يەنە بىر قېتىم شەھۋانىيەتچىلىك بىلەن ئەيىبلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سابىق مەسلىھەتچىلىرىدىن 25 ياشلىق چارلوت بېننېت ئۆتكەن يىلى ئەتىيازدا ئاندرېۋ كۇمونىڭ ئۇنىڭدىن بەزى جىنسىي سوئاللارنى سورىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بېننېت ۋالىينىڭ ئۇنىڭدىن رومانتىك مۇناسىۋەتتە ياشنىڭ مۇھىم ياكى ئەمەسلىكىنى سورىغانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ 20 ياش ئەتراپىدىكى ئاياللار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇشقا ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋالىي ئاندرېۋ كۇمو بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ مەقسىتىدىن ئاشۇرۇلۇپ، خاتا ئىزاھلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

نيۇيورك ۋالىيسى ئاندرېۋ كۇمونىڭ سابىق مەسلىھەتچىسى لىندسېي بويلانمۇ «Medium» ناملىق تور بەتتە، ئېلان قىلىنغان ماقالىسىدا، ۋالىينىڭ 2018-يىلى ئىشخانىسىدا ئۇنىڭغا غەيرىي مۇناسىپ پوزىتسىيەدە بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە ۋالىي ئاندرېۋ كۇمو بولسا، بۇلارنى رەت قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر