گانتىز: ئومان قولتۇقىدىكى پارتلاشنىڭ ئارقىسىدا ئىراننىڭ قولى بولۇشى مۇمكىن
ئىسرائىلىيە ئۆزلىرىگە تەۋە بىر پاراخوتنىڭ ئومان قولتۇقىدىن ئۆتۈش جەريانىدا يۈز بەرگەن پارتلاشنىڭ ئارقىسىدا ئىراننىڭ قولى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
1592166
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بېننىي گانتىز بۇ ھەقتە ئىسرائىلىيە ئاممىۋى تارقىتىش ئىدارىسى (KAN) غا بايانات بەردى.
ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بېننىي گانتىز ئىراننىڭ ئىسرائىلىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ۋە پۇقرالىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «پاراخوتنىڭ ئىرانغا يېقىن ئورنى، ۋەقەنىڭ ئارقىسىدا ئىرانلىقلار بار، دېگەن قاراشقا بولغان باھالاشنى كۈچەيتىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ مېنىڭ باھالىشىم» دېدى.
گانتىز پارتلاشقا ئالاقىدار كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئىسرائىلىيەگە تەۋە بىر يۈك پاراخوتى ئومان قولتۇقىدىن ئۆتۈش جەريانىدا، جۈمە كۈنى پارتلاش يۈز بەرگەن ۋە ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈش ھادىسىسى كۆرۈلمىگەن ئىدى.