ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋېنېزۇئېلا ۋەكىلىنى «خالانمىغان ئادەم» دەپ جاكارلىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى)ۋېنېزۇئېلانىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق دىپلوماتىك ۋەكىلى باش ئەلچى كلاۋدىيا سالېرنو كالدېرانى «خالانمىغان ئادەم دەپ ئېلان قىلدى.

1591147
ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋېنېزۇئېلا ۋەكىلىنى «خالانمىغان ئادەم» دەپ جاكارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرى ئالى ۋەكىلى جوسېپ بوررېلنىڭ ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ قارارنىڭ ۋېنېزۇئېلانىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىلى توغرىسىدا چىقارغان قارارىغا ماس قەدەمدە چىقىرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا: «ياۋروپا ئىتتىپاقى، ۋېنېزۇئېلانىڭ قارارىنى پۈتۈنلەي ئادالەتسىز ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۈچىنچى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ۋە ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نىشانىغا زىت دەپ قارايدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ياۋروپا كېڭىشى 2 - ئاينىڭ 23- كۈن بايانات ئېلان قىلىپ، ۋېنېزۇئېلانىڭ 19 ئەمەلدارىغا «دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇققا زىيان سالغان»لىقى ئۈچۈن جازا يۈرگۈزۈشنىڭ قارار قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ۋېنېزۇئېلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جورج ئاررېزا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دۆلىتىدىكى ۋەكىلىنى «خالانمىغان كىشى» دەپ ئېلان قىلىپ، بۇ قارارنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋېنېزۇئېلا ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزگەنلىكى ئۈچۈن چىقىرىلغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.

2020- يىلى 6- ئاينىڭ 29- كۈنى پىرېزىدېنت نىكولاس مادۇرو ھۆكۈمىتى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋېنېزۇئېلادا تۇرۇشلۇق ئەمەلدارىنى «خالانمىغان ئادەم» دەپ ئېلان قىلىپ، ئارقىدىن قارارىنى قايتۇرۇۋالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر