پىرېزىدېنت بايدىن سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.

1591137
پىرېزىدېنت بايدىن سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭ سەئۇسى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

ئىككى رەھبەرنىڭ رايونلۇق خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، بۇ دائىرىدە، يەمەندىكى ئىچكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ب د ت بىلەن ئامېرىكا تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يېڭىلانغان دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار ۋە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى گۇرۇپپىلارنىڭ ھۇجۇملىرىغا قارشى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ قوغدىلىشى مەسىلىلىرىدە، ئامېرىكانىڭ قەتئىي قارارغا ئىگە ئىكەنلىكىنىڭ تەكىتلەنگەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، ئامېرىكانىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانلىق سىياسىي ئاكتىپلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە ئىجابىي قارشى ئالغانلىقىدىن بېشارەت بېرىلگەنلىكى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىرگە، مۇنداق دېيىلدى:

«پىرېزىدېنت بايدىن ئامېرىكانىڭ دۇنياۋى كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇننىڭ مۇقەددەسلىكىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.»

بايدىننىڭ پادىشاھ سەلمانغا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ كۆچلۈك ۋە ئوچۇق-ئاشكارىلىققا ئىگە قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەنلىكى قەيت قىلىنغان باياناتتا، ئىككى رەھبەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەت ۋە ئەندىشە مەسىلىلىرىدە بىرلىكتە تىرىشىش ئۈچۈن پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېنمۇ سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فايسال بىن فەرخان ئەل سۇئۇد بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ كۆرۈشۈشكە مۇناسىۋەتلىك ئېلان قىلغان باياناتىدا: «مىنىستىر بلىنكېن بىلەن مىنىستىر فايسال بىن فەرخان ئەل سۇئۇد سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ قانۇن ۋە سوت ئىسلاھاتلىرى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدە قولغا كەلتۈرگەن ئىلگىرىلەشلەرنى، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ قوغدىلىشى ئۈچۈن ئاشۇرۇلغان ئورتاق تىرىشچانلىقلىرىمىزنى مۇزاكىرە قىلدى» دېيىلدى.

باياناتتا، ئىككى مىنىستىرنىڭ يەنە، يەمەندىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش، رايونلۇق خەۋپسىزلىك، تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات مەسىلىلىرىنىمۇ مۇزاكىرە قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر