ب د ت بالىلار فوندى 85 دۆلەتنى «كوۋىد – 19» ۋاكسىنىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى (UNICEF) 85 دۆلەتنى 170 مىليون قۇتا «كوۋىد – 19» ۋاكسىنىسى بىلەن تەمىنلەش توغرۇلۇق AstraZeneca بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى.

1591188
ب د ت بالىلار فوندى 85 دۆلەتنى «كوۋىد – 19» ۋاكسىنىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، فوندى بىلەن AstraZeneca ئوتتۇرىسىدا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ۋاكسىنا پىروگراممىسى  COVAX  نامىدىن، 85 دۆلەتنى 170 مىليون قۇتا «كوۋىد – 19» ۋاكسىنىسى بىلەن تەمىنلەش توغرۇلۇق كېلىشىم ئىمزالانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر