ياپونىيەدە ساكاموتو يالغۇزلۇق مىنىستىرلىقىغا ۋەزىپىگە تەيىنلەندى

ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش نىسبىتى ئېشىۋاتقان ياپونىيەدە، باش ۋەزىر سۇگا رايونلۇق مىنىستىر بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان تېتسۇشى ساكاموتونى «يالغۇزلۇق مىنىستىرى» لىقىغا تەيىنلىدى.

1590784
ياپونىيەدە ساكاموتو يالغۇزلۇق مىنىستىرلىقىغا ۋەزىپىگە تەيىنلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى كۈرىشىدە ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ توختاپ قېلىش نۇقتىسىغا كېلىشى، خەلقنى بارغانسېرى بېسىم ئاستىدا ۋە يالغۇز ھېس قىلدۇرماقتا.

ياپونىيەدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋەقەلىرىدە ئېشىش كۆرۈلۈۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن ياپونىيە باش ۋەزىرى يوشىھىدە سۇگا، رايونلۇق تەرەققىيات مىنىستىرى تېتسۇشى ساكاموتونى يالغۇز ياشايدىغان كىشىلەرنىڭ مەسىلىلىرىگە مەسئۇل مىنىستىر قىلىپ ۋەزىپىگە تەيىنلىدى.

ساكاموتو يېڭى ۋەزىپىسى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «باش ۋەزىر سۇگا مەسلىنى تەكشۈرۈشۈم ۋە مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلىقلار بىلەن كوردىناتسىيە شەكلىدە كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇم ئۈچۈن پەرمان چۈشۈردى. ئىجتىمائىي يالغۇزلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كىشىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى قوغداش ئۈچۈن ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر