مالىدا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم خادىملىرى تۇتقۇن قىلىندى
مالىدا چېگراسىز دوختۇرلار تەشكىلاتىدىن 4 كىشى تۇتقۇن قىلىندى.
1590423
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالى تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۆلەتنىڭ ئىچكى قىسمىغا جايلاشقان موپتى رايونىدا بىر شىپاخانا قۇرۇلۇشىدا ئىشلەۋاتقان چېگراسىز دوختۇرلار تەشكىلاتىنىڭ 8 خادىمى، نامەلۇم قوراللىق كىشىلەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان، كېيىنچە، بۇلاردىن 4 ئايال قويۇپ بېرىلگەن بولۇپ، 4 ئەردىن خەۋەر يوق ئىكەن. موپتى، 2012 – يىلدىن بۇيان دائىم دېگۈدەك تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ تۇرىدىكەن.