كىرېمىل ئەرمېنىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

ئەرمېنىيە باش ئىشتاب باشلىقى ۋە بارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلار بايانات ئېلان قىلىپ، باش مىنىستىر پاشىنياننى ئىستېپا بېرىشكە چاقىردى.

1590649
كىرېمىل ئەرمېنىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان ئۆزىنى ئىستېپا بېرىشكە چاقىرغان باش ئىشتاب باشلىقىنى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىدى.

ئەرمېنىيە باش ئىشتاب باشلىقى ۋە بارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلار بايانات ئېلان قىلىپ، باش مىنىستىر پاشىنياننى ئىستېپا بېرىشكە چاقىردى.

باياناتتا، پاشىنيان ھۆكۈمىتىنىڭ ھالقىلىق، شۇنداقلا يېتەرلىك قارارلارنى چىقىرالمايدىغانلىقى ۋە بۇنىڭغا قادىر ئەمەسلىكى قەيت قىلىندى.

ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى ئارمىيەنىڭ ئىستېپا بېرىش چاقىرىقىنى «سىياسىي ئۆزگىرىش» دەپ ئاتاپ، قوللىغۇچىلىرىنى كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلىشقا چاقىردى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كىرېمىل بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئەرىۋاندىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئەندىشە ئىچىدە  كۆزىتىلىۋاتقانلىقىنى، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن پاشىنياننىڭ تېخى ئالاقىلاشمىغانلىقىنى ۋە زۆرۈر تېپىلغاندا ئالاقە ئورنىتىش ئۈچۈن كېرەكلىك ئورۇنلاشتۇرۇشلارنىڭ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

كىرېمىل سارىيى باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا: «ئەرمېنىيەدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆزىتىۋاتىمىز. بىراق، يۈز بەرگەن ئىش ئەرمېنىيەنىڭ ئىچكى ئىشلار مەسىلىسى. بىز ئەرمېنىيەدىكى ھەممەيلەننى مۆتىدىل بولۇشقا چاقىرىمىز، ۋەزىيەت چوقۇم ئاساسىي قانۇن رامكىسىدىن چىقىپ كەتمەسلىكى كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر